ئامېرىكىنىڭ قىزىقىشى ئوتتۇرا شەرقتە تۆۋەنلەيدۇ ۋە ئاسىيا بازىرىغا يۈزلىنىدۇ

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

1206655
ئامېرىكىنىڭ قىزىقىشى ئوتتۇرا شەرقتە تۆۋەنلەيدۇ ۋە ئاسىيا بازىرىغا يۈزلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ستېپېن ۋالت ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسكەرلىرىنىمۇ رايوندىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتۇتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پىروفېسسورى ستېپېن ۋالت، كېئورگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پىروفېسسورى شۇنداقلا سابىق ئاق ساراي مەسئۇللىرىدىن چارلېس كۇپچان ھەمدە جون ھوپكىنس ئۇنىۋېسىتېتى پىروفېسسورى ئۆزگۈر ئۆزدامار قاتارلىق مۇتەخەسسىلەر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا تۈرك مىراسى فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي لېكسىيە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

پىروفېسسور ستېپېن ۋالت ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ رايونغا بولغان قىزىقىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ رايون بىلەن بولغان مۇناسۋەتلىرى پۈتۈنلەي تۈگىمىگەن تەقدىردىمۇ، زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە بەزى ئەھۋاللاردا ھەربي ماۋجوتلۇقىنى كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، ئاساسىي جەھەتتن دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ستېپېن ۋالت ئامېرىكانىڭ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرگە باشقىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكىنىڭ بەزى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش قابلىيىتىنى چەتكە قاققانلىق بولدى. پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلىرىدا كۆرۈلگەنگە ئوخشاش بۇ مەسىلە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەسلى قىلىشىمىز كېرەكلىك بولغىنى، ئوتتۇرا شەرقتە مۇمكىن قەدەر كۆپلىگەن دۆلەت بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىش ئىدى» دېدى.

 پىروفېسسور ستېپېن ۋالتنىڭ سۆزلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن پىروفېسسور چارلېس كۇپچانمۇ ئامېرىكىنىڭ قىزىقىشىنىڭ ئاسىيا بازىرىغا يۆتكىلىشكە باشلىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە كۆرسىتۋاتقان ئارتۇقچە قىزىقىشىنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروفېسسور ئۆزگۈر ئۆزدامارمۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا نىسبەتەن مۇئەييەن ۋە يېتەرلىك بىرەر پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر