ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى
مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، ئىسرائىلىيە بىلەن 6 ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقاتقان يازما باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان <ھاماس بىلەن 6 ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى> دېگەندەك خەۋەرلەر توغرا ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
ئۇ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىسرائىلىيە بارلىق كېلىشىملەرگە رىئايە قىلغاندىلا ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە 12- قانىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن مىسىرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا 6 ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 4-، 5 – ماي كۈنلىرى غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئىككىسى ھامىلدار بولۇپ 3 ئايال بىلەن ئىككى بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 25 پەلەستىنلىك شېھىت بولغان، 150 پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.