جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە ياردەم قولىنى ئۇزارتتى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە 8 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىدۇ.

1204511
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە ياردەم قولىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى، شىمالىي كورېيەگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 8 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لې ساڭ مىن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تۈپەيلى قىيىن كۈنلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان شىمالىي كورېيەگە ياردەم قىلىش پىلانى ئۈستىدە دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى كومىتېتى ۋە ب د ت بالىلارغا ياردم فوندى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالىي كورېيەگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 8 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى لې، جەنۇبىي كورېيەنىڭ يەنە شىمالىي كورېيەگە ئاشلىق ياردەم قىلىشنىمۇ پىلانلىۋاتقانلىقىنى دېدى.

شىمالىي كورېيە تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيەدە ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلگەنلىكىنى، 1982-يىلىمۇ مۇشۇنداق ئېغىر دەرىجىدە  قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئاشلىق قىيىنچىلىقىغا دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ب د ت شىمالىي كورېيە كوردىناتسىيەسى تاپان مىشرا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا،  شىمالىي كورېيە نوپۇسنىڭ %43گە توغرا كېلىدىغان 11 مىليون كىشىگە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ياردەم كوردىناتسىيەسى ئىشخانىسىمۇ بايانات ئېلان  قىلىپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيەدە ئاشلىق يېتىشمەيۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ھەر بەش بالىدىن بىرىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى تۈپەيلى، نورمال تەرەققىي قىلالمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت دوكلاتىدا 25 مىليون 500 مىڭ نوپۇسلۇق شىمالىي كورېيەدە 3 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا تەخمىنەن 120 مىليون دوللار كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر