ئافغانىستاندا ئىپتار ۋاقتىدا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاندا تۈنۈگۈن ئىپتار ۋاقتىدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن 4 ئايرىم پارتلاشتا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 4 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان.
1200723
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، جالالئابادنىڭ ئەڭ زىچ يەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تالاشى رايونىدا ئىپتار ۋاقتىدا ئارقا – ئارقىدىن 4 بومبىنىڭ پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇملاردا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا 4 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن خوگيانى، يارىدارلاردىن تۆتىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.