ئىدلىبتە كەسكىن توقۇنۇشلار بولماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

1198903
ئىدلىبتە كەسكىن توقۇنۇشلار بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى «توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى»نىڭ  جەنۇبىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئىدلىب زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى «توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى»نىڭ  جەنۇبىغا  جايلاشقان مادىك قەلئەسى، ئەك قىرقات ۋە تۈۈۋەيۋە يېزىلىرىنى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقاندىن كېيىن تارتىۋالدى.

ئەسەد ئەسكەرلىرى شەرىيا يېزىسىنىمۇ قورشىۋالدى.

ئۆكتىچى كۆزىتىش مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شەرىيا يېزىسىغا قۇرۇقلۇقتىن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ، ھاۋادىن رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم قوزغىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ھىمەيمىن ھەرىي بازىسىدىن رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغالدى.»

ئۆكتىچى قىسىملار ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن تارتىۋېلىنغان كەفرەنبۇدە ناھىيەسى بىلەن تاش تۆپىلىكىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى.

ناھىيە ئەتراپىدا كەسكىن توقۇنۇشلار بولماقتا.

ئەسەد قىسىملىرى ھامانىڭ شىمالىدىكى ئەل چەنابىرە يېزىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئوسمان تۆپىلىكىنىمۇ ئۈچ كۈن ئىلگىرى تارتىۋالغانىدى.


خەتكۈچ: #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر