ھىندىستاندا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ھىندىستاندا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن «فانى بورىنى» ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 41 گە يەتتى.

1199075
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Hindustan Times › گېزىتى» نىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، بھۇبانېسۋار شەھىرىدە يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆلكە مىقياسىدا قازا قىلغانلارنڭ سانى 41 گە يەتكەن. 17 مىڭ 280 ھايۋان ھالاك بولغان، 14 مىڭ 835 يېزىدا ئۆيلەر، يوللار، توك لىنىيەلىرى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە سىستېمىلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئەڭ ئېغىر ماددىي زىيان پۇرى رايونىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆلكە مىقياسىدا مىڭدىن ئارتۇق ساغلاملىق مەركىزى ۋە تەخمىنەن 5 مىڭ 800 مەكتەپ زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر