كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بىر چەت ئەل تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا توققۇز كىشى يارىلاندى.

1197497
كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسرات راھىمى شەھرى نەۋ رايونىدا «كاۋنتېرپارت» (Counterpart) ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدىن كېيىن، بىر قانچە ھۇجۇمچىنىڭ بىنا ئىچىگە كىرىپ ئېتىشىشقا باشلىغانلىقىنى، رايونغا نۇرغۇن خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھۇجۇمنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى ئۆي ۋە بىنالارنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا تۇتىشىدىغان يوللاردا قاتناش توختىتىلدى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر