ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكىنىڭ شەرتلىرىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايمىز

ئىران پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرتلىرىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1194577
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكىنىڭ شەرتلىرىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى « IRNA » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لارىجانى رەزەۋى خوراسان ئۆلكىسىدە «ئوقۇتقۇغىچلار بايرىمى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن 2015 – يىلى ھاسىل قىلغان يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون ئىلگىرى سۈرگەن 12 ماددىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىلگىرى سۈرگەن شەرتلەرنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئالدىدا تەسىم بولۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان 12 شەرت ئىراننى رەسۋا قىلىدۇ، شۇ ۋەجىدىن، بۇنىڭغا قارشى چىقىشتىن باشقا يول يوقتۇر.»

ئىران خەلقىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بسىمى ئالدىدا سەۋر – تاقەتلىك بولۇشقا چاقىرغان لارىجانى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاياقەتسىز رەھبەرلىرى ھامان بىر كۈنى نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق بىز سەۋر – تاقەتلىك بولمىساق، ئامېرىكا بىزنىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش باش ئەگدۈرىدۇ. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەم پۇلىنى ئېلىۋاتىدۇ، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساق ھەرگىزمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارغا ئوخشىمايمىز، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر.»

ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان لارىجانى، تېھراننىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان بىر ئىقتىسادىي سىستېما ئورنىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاشىنگتوننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇلتۇر ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، 12 ماددىلىق شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بۇ شەرتلەر، ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇنى توختىتىشى، دۆلەتتىكى بارلىق ھەربىي مۇئەسسەسەلەرگە شەرتسىز كىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنە، ئىراندىن تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئامېرىكىلىقلارنى قويۇپ بېرىشىنى، رايونلۇق ھەربىي مۇداخىلىلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى، سۈرىيەدىكى بارلىق قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەگە تەھدىت سېلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر