ئامېرىكا كونگېرەسىنىڭ مۇسۇلمان ئايال ئەزاسى ۋېنېزۇئېلا سىياسىتىگە قارشى چىقتى

ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ياغلىق چېگىدىغان تۇنجى مۇسۇلمان ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر: «ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەت ناھايىتى خەتەرلىك. پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۇرۇشنى ئەمەس، دىپلوماتىيەنى قوللىشىمىز لازىم» دېدى.

1194144
ئامېرىكا كونگېرەسىنىڭ مۇسۇلمان ئايال ئەزاسى ۋېنېزۇئېلا سىياسىتىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونگېرەسىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇرۇن قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇرۇشقا قارشى چىققۇچىلارغا، «دىكتاتور يانتاياقچىسى» ۋە «ئەركىنلىك دۈشمىنى» دېگەندەك «ماركا» لارنى چاپلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنداق تىياتىر تېكستى ئىراقتا كۆرۈلگەن. ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەت ناھايىتى خەتەرلىك. پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۇرۇشنى ئەمەس، دىپلوماتىيەنى قوللىشىمىز لازىم» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا 2019-يىلى 23-يانۋار كۈنى ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو 24-ئاپرېل (جۈمە) تۋىتتېردا تارقاتقان ئۈچ مىنۇتلۇق ۋېدىئودا، خەلققە ۋە ئەسكەرلەرگە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىمىر پادرىنو لوپېزمۇ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە: «بىز قوراللىق كۈچ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسىي قانۇن-تۈزۈمنى قوغداشقا قەسەم قىلدۇق. خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تەييارمىز. ھەربىي قىسىملاردا ئالاھىدە ئەھۋال يوق، ھەممىسى قوماندانلىرىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇەن گۇايدو ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر