پۇتىن ئىنتېرنېت قانۇنىنى ماقۇللىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىنتېرنېت قانۇنىنى ماقۇللىدى.

1193925
پۇتىن ئىنتېرنېت قانۇنىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇرلىرى سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان قانۇن ئارقىلىق، دۇنيا مىقياسىدا ئىنتېرنېت مۇلازىلىتى بىرەر دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا، رۇسىيەدە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش سىستېمىسى دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

ئىنتېرنېت پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق، رۇسىيە ئۇچۇر - ئالاقە تېخنولوگىيەسى ۋە ئاممىۋى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جىددىي ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىققاندا، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

نويابىر ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە دۆلەتكە ئائىت شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق مەخپىي نومۇرلۇق سىستېمىدا قوغدىلىدۇ.

يېقىندا، رۇسىيەنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق يۈزلەنگۈسى يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە قارشى تەدبىرلەرنىى قوللىنىدىغانلىقى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسىبنى بېكىتىپ چىقىش جەريانىدا رۇسىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر