ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرماغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرماغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسى ۋە بەزى ئەمەلدارلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازا مۇددىتىنى 2020 – يىلى 30 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1192540
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرماغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرماغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسى ۋە ئىچكى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بولغان لازىمەتلىكلەرنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى مەنئى قىلغان جازا مۇددىتىنىڭ بىر يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېمبارگولارنىڭ بىرمادىكى كاچىن، شان ۋە ئاراكان ئۆلكىلىرىدە «ئېغىر» كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك 14 ھەربىي ئەمەلدار ۋە ساقچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر قىلمىشلاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرما ھۆكۈمىتىنى «كېچىكمەستىن» كونكېرت قەدەم تاشلاشقا چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر