ماكرون سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىشلەيدىغان پۇقرالارنىڭ تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان كىرىم بېجىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە شىركەتلەرنىڭ تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان بەزى باجلارنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1190443
ماكرون سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىنىڭ سەۋەبى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسى بويىچە چاقىرىلغان «دۆلەت مۇزاكىرەسى» يىغىنلىرىدىن كېيىن، ئېلسىي سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق جەمئىيەت تەرتىپىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ تەلەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى تەرتىپلەرنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ دۆلەت ئىچىدە يېقىنقى ئىككى يىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتى چوڭقۇر بولغان ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ» دېدى.

ئۇ دۆلەتتە رېفېراندۇمنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر تەلەپنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھازىرقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەلقنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمزا شەرتىنىڭ 4.5 مىليوندىن 1 مىليونغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى، 2022-يىلىغىچە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، شەھەرلەردىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ تاقالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىشلەيدىغان پۇقرالارنىڭ تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان كىرىم بېجىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى، شىركەتلەر تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان بەزى باجلارنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىراجەتلىرىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپ تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن بىر قانچە يىل ئىچىدە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 24 تىن ئاشۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ مائاشى 2 مىڭ ياۋرودىن تۆۋەن پېنسىيونىرلار مائاشىنىڭ، 2019-يىلى 1-يانۋاردىن ھېسابلاپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پېنسىيونىرلىق سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشى ۋە پېنسىيونىرلىق مائاشىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە، مىڭ ياۋرو بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنىڭ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ياۋروپانىڭمۇ مەزكۇر مەسىلىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشى ۋە بۇ رامكىدا شەنگەن رايونىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ ھەر يىلى دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك پارلامېنتتا بىر يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى، پاناھلىق تىلەش ھوقۇقىنى سۈيىئىستېمال قىلغانلارغا زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھازىرچە ھېچقانداق مەسىلىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشنى ئويلىمىغانلىقلىرىنى، بىراق زۆرۈر بولغاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ، «2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالىغا: «ئالدىمىزدىكى سايلام خىيالىمدا يوق. ۋەزىپەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دۆلىتىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن. بۈگۈنكىسى مەن ئارزۇ قىلغان سەۋىيە ئەمەس، بەش يىل بۇرۇنقىسىمۇ مەن ئارزۇ قىلغان سەۋىيە ئەمەس ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كېڭەش ئەزالىرى سانىنىڭ %30-25 ئەتراپىدا ئازايتىلىدىغانلىقىنى، پارلامېنتتا بارلىق پارتىيەلەرنىڭ تەڭپۇڭ نىسبەتتە ۋەكىللىك قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ 15-ئاپرېل (دۈشەنبە) ئېلان قىلىشنى پىلان قىلغان باياناتىنى، نوترېدەم كاتېدرالى (Notre Dame Katedral) غا ئوت كېتىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. مەملىكەت مىقياسى بويىچە چاقىرىلغان «دۆلەت مۇزاكىرەسى» يىغىنلىرى ئۈچ ئاي داۋام قىلغان ئىدى.

يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ناچار ئىقتىسادىي شارائىتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان ۋە كېيىنچە ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشى، 2018-يىلى 17-نويابىردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنگىچە نامايىشلاردا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. 8400 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلغان بولۇپ، مىڭغا يېقىن نامايىشچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر