سىرىلانكادا دۆلەت مىقياسى بويىچە ئۇچار كامېرا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانلار چەكلەندى

سىرىلانكادا ھەپتە ئاخىرىدا چىركاۋ ۋە مېھمانخانىلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا ئۇچار كامېرا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانلار چەكلەندى.

1189578
سىرىلانكادا دۆلەت مىقياسى بويىچە ئۇچار كامېرا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانلار چەكلەندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋىي ئاۋېئاتسىيە ئىدارىسى ئۇچار كامېرا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانلارنى چەكلەش قانۇنىنىڭ سىرىلانكانىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا سىرىلانكا ساقچىلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا پارتلاتقۇچ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، بۈگۈن پايتەخت كولومبودىن 35 كېلومېتىر ئۇزۇقلىقتا، شەرق تەرەپكە جايلاشقان پۇگودا رايونىدىكى بىر ئوخلەتخانىدا گۇمانلىق بىر بويۇم بايقىلىپ، پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىرىلانكادا خىرىستىيانلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان پاسكاليا مۇراسىمى جەرياندا كوچچىكادەدىكى ئاتونىيىس چىركاۋى، كاتانادىكى سسبېسىتان چىركاۋى ۋە باتتىكولادىكى مەريەم ئانا چىركاۋى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە، پايتەخت كولومبودىكى بەش يۇلتۇزلۇق شاڭگىرىللا مېھمانخانىسى، كىننامون گېراند مېھمانخانىسى ۋە كىڭگسىبۇرىي مېھخانىسىمۇ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن يەنە، پايتەخت كولومبونىڭ شەھەر ئىچى پويىز لىنىيەلىرىدە، دېھىۋالادىكى مېھمانسارايغا يېقىن جايدا ھەمدە دېماتوگو پىيادىلەر كۆۋرۈكىگە يېقىن جايدا پارتلاشلار يۈز بەرگەن ئىدى. 

سىرىلانكادىكى بومبا ھۇجۇملىرىدا 359 كىشى ئۆلۈپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ھۇجۇمغا ئالاقىدار نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندارلار سانىنىڭ 58 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

بومبا ھۇجۇملىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر