سىرى لانكىدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سىرى لاندىكى بەزى شەھەرلەردە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 156 ئادەم ئۆلۈپ 400 ئادەم يارىلاندى.

1187329
سىرى لانكىدا  تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
sri lanka.jpg
sri lanka patlama.jpg
sri lanka.jpg
sri lanka patlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرى لانكىدا ئېغىر دەرىجىدە پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.

پايتەخت كولومبودىكى مېھمان-ساراي ۋە چېركاۋلاردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 156 ئادەم ئۆلۈپ 400 ئادەم يارىلاندى.

سىرى لانگا ساقچى دائىرىلىرى پايتەخت كولومبودىكى 3 مېھمانخانا ۋە 3 چېركاۋدا، شۇنداقلا نېگومبو شەھىرىدىكى 1 چېركاۋدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كولومبو خەلق دوختۇرخانىسى  پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئەڭ  ئاز 156 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 400 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سىرى لانكىدا پاسخالىيا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مېھانسارايلار ۋە چېركاۋلار لىق تولغانىدى، بۇ ئەھۋالنىڭ پاجىئەنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر