ياۋروپا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تېررورىزمغا ئالاقىدار مەزمۇنلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

ياۋروپا پارلامېنتى، گوگۇل، فەيسبۇك ۋە تىۋىتتېرغا ئوخشاش ھەرخىل ئىنتېرنېت مۇنبەرلىرىدە ئورۇن ئالغان تېررورغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ 1 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان بەلگىلىمىنى ماقۇللىدى.

1185699
ياۋروپا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تېررورىزمغا ئالاقىدار مەزمۇنلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىنىدا، ھەرخىل ئىنتېرنېت مۇنبەرلىرىدە ئورۇن ئالغان تېررورغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە 204 كە قارشى 308 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىنتېرنېت مۇنبەرلىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىلتىماس سۇنغان ئەھۋالدا تېررورىزمغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بىر سائەت ئىچىدە چىقىرىپ تاشلاش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

تېررورىزمغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش جەھەتتە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلمىغان مۇنبەرلەرگە خەلقئارادىكى سەرمايىلىرىنىڭ %4 گە يەتكۈدەك دەرىجىدە ئىقتىسادىي جازا بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر بەلگىلىمە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر