ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنى خىتاي بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1183643
ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنى خىتاي بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە 13 – قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ 25 – مارتتا ئاقسارايدا نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋاشىنگتون – تېل ئاۋىۋ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.

نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ خەۋەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭمۇ يانۋار ئېيىدىكى غەربىي قۇددۇسقا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنى مۇشۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، زىيارەت ئەسناسىدا جون بولتوننىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلارغا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە تېخنولوگىيە سانائىتى ساھەسىدىكى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان خىتاي نوپۇزىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى يازغانىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئارىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزئارا زىيارەتلەر ئارقىلىق قايتىدىن جانلانغانىدى.

نېتانياھۇ، 2017 – يىلى بېيجىڭغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋاڭ چىشەنمۇ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

باش مىنىستىر نېتانياھۇ يانۋار ئېيىدا بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 2018 – يىلى خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ بىر يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا %56 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەركىزى خوڭكوڭغا جايلاشقان Shanghai International Port بىر شىركەت، 2015 – يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى پورتى بولغان، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتلىرىمۇ پات – پات بېرىپ تۇرىدىغان ھايفا پورتىدا سودا پاراخوتلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ئورۇن تەسىس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

مەزكۇر خىتاي شىركىتى، ھۆددىگە ئېلىش پۇلىنىڭ بەدىلىگە قۇرۇلۇشىنىڭ 2021 – يىلى پۈتۈشى كۈتۈلۈۋاتقان سودا پاراخوتلىرى ئورنىنى 25 يىل بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ بولۇپمۇ خۇاۋېي ۋە ZTE غا ئوخشاش تېلېكوم شىركەتلىرى باشتا بولۇپ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پائالىيەتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر