نىگېرىيە ۋە كامېرۇن ئارمىيەلىرى نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

نىگېرىيە ۋە كامېرۇن ئارمىيەسى ھەمكارلىشىپ بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ 27 تېررورچىنى ئۆلتۈردى.

1183545
نىگېرىيە ۋە كامېرۇن ئارمىيەلىرى نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى بورنو ۋىلايىتىدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ 27 تېررورچىنى ئۆلتۈردى.

نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇسا ساگىر،  نىگېرىيە ۋە كامېرۇن ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىشىپ بورنو ۋىلايىتىگە قاراشلىق ۋۇلگو، تۇمبۇما، چىكۇن گۇدۇ ۋە بۇكار ماريام يېزىلىرىدا بوكو ھارام تەشكىلاتىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە 27 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ساگىر، تەشكىلاتقا تەۋە نۇرغۇن قورال-ياراغنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ساگىر: نىگېرىيە ۋە كامېرۇن ئارمىيەلىرىدىن ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئەسكەر يوق، دېدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللاردا باش كۆتۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام، 2009-يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

سابىق بوكو ھارام تەشكىلاتى باياناتچىسى ئەبۇ مۇساب بارناۋىنىڭ 2016-يىلى تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى بولۇشى، تەشكىلات ئىچىدە ئېغىر ئىختىلابلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر