گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىدىن قورال ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

جەمال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىدىن قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى باشلىدى.

1183318
گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىدىن قورال ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى ر ادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىدىن قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى باشلىدى.

گېرمانىيەدە بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، گېرمانىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پارس قولتۇقىغا قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى مەزمۇن قىلىدىغان تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى بۇلتۇر 2-ئۆكتەبىردە ئسىتانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسولخانىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بۇ يىل سېنتەبىرغىچە قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقانىدى.

ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە گېرمانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشىنىڭ ئورتاق ياۋروپا سىياسىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنى تەنقىد قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گېرمانىيەدىن ئېكسپورت قىلىدىغان قوراللارنى يەمەندە ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقتىن، گېرمانىيەدە بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان مۇنازىرە قىلىنماقتا.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «ئورتاق ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنىڭ يەمەندە ئىشلىتىلمەسلىكى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى»ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسا، ئۆكتىچى پارتىيە گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنىڭ ھېلىھەم يەمەندىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر