ئىسرائىلىيەدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولدى

ئىسرائىلىيەدە سەيشەنبە كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئوۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

1182220
ئىسرائىلىيەدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Yediot Aharonot › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سايلام كومىتېتى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيەسى 36 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، سايلامدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

«كۆك – ئاق» ئىتتىپاقى 120 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 35 پارلامېنت ئەزاسى چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن، ئىككىنچى بولغان. سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان رەھبەرلىكىدىكى «ئىسرائىلىيە ئۆيىمىز» پارتىيەسى 5 پارلامېنت ئەزاسى چىقارغان.

ئەرەب ئىتتىپاقى 6 ئورۇندۇققا، سولچىل مېرېتز پارتىيەسى 5 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن.

بۇ نەتىجىلەرگە ئاساسەن ئاشقۇن ئوڭچىللار 65 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

«كۆك – ئاق» ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى رەھبىرىدىن بىرى بولغان بېننى گانتىز، سايلام كۈنى ئاخشمىنى سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بېنيامىن نېتانياھۇ ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنى باغرىغا باستى، جۈملىدىن بۇ نەتىجىلەرگە ئاساسەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر