ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ ئۆز پېتى داۋاملىشىشى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئېمبارگولارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

1182316
ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ ئۆز پېتى داۋاملىشىشى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
moon jae-in-trump.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېن ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن بېسىم پەيدا قىلىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇشۇ پېتى داۋاملىشىشى خالايدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن قايتا كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، كىم جوڭئۇن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كىم جوڭئۇن بىلەن فېۋرال ئېيىدا خانوي (ۋىيېتنام) دا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا بەزى مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ترامپ، «شۇنداقتىمۇ بۇ يىغىندا بىز كۈتكەن نەتىجە چىقمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، شىمالىي كورېيە بىلەن كىچىك تىپتىكى ھەر خىل كېلىشىملەرنى تۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىراق، نۆۋەتتە چوڭ كېلىشىم تۈزۈش توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتىمىز. چوڭ كېلىشىم بولسا، يادرو قوراللىرىدىن قۇتۇلىشىمىز بولىدۇ» دېدى.

مۇن بىلەن شىمالىي كورېيەگە ياردەم قىلىشقا ئوخشاش بەزى ئىنسانىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ جەھەتتە ياردەمگە ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىدىن كۆپ مىقداردا ھەربىي لازىمەتلىك سېتىۋېلىشى توغرىسىدىمۇ كېلىشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېنمۇ ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ فېۋرالدا ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ھەربىي سۈركىلىشنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مۇن جائېن، «دىيالوگنىڭ سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا ئۈچىنچى بىر ئۇچرىشىش ئۈچۈن مۇھىم بىر ۋەزىپە» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا 27-، 28 – فېۋرال كۈنلىرى ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

ترامپ، كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۇلار ئېمبارگونىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. بىزنىڭ بولسا، بۇنداق قىلىش نىيىتىمىز يوق ئىدى. شۇڭا كېلىشەلمىدۇق» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر