سۇدان ئارمىيەسى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

سۇدان مۇداپىئە مىنىستىرى ئەۋاد بىن ئەۋف، ھەربىي ئالىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1181573
سۇدان ئارمىيەسى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش باياناتىنى ئوقۇغان مۇداپىئە مىنىستىرى ئەۋف، پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ قوللىرىدا، بىخەتەر بىر جايدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەۋاد بىن ئەۋف، دۆلەتنى 2 يىل بويىچە ھەربىي كېڭەشنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى؛ ئۆتۈش مۇساپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ھاۋا ساھەسى ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ 24 سائەت بويىچە تاقاق ھالەتتە قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، پارلامېنت ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۇداندا ئۈچ ئايلىق ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى ۋە بىر يىل بويىچە سائەت 19:00 دىن كېيىن كوچىغا چىقىش مەنئى قىلىندى.

پائالىيەتچىلەر بولسا، مۇداپىئە مىنىستىرى ئەۋۋاد بىن ئەۋفكە قارشى نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

سۇدان ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەن دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، رادىيوسى ۋە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بىنالىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ئەلمەيادىن»، ئارمىيەنىڭ پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كوچىلارغا ئارمىيەگە قاراشلىق جىددىي ياردەم قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پايتەخت خارتۇمدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە بارىدىغان يوللار بىرونېۋىكلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر