قاشىقجى ئائىلىسى: قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە ھېچكىم بىلەن يارىشىش توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزمىدۇق

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئائىلىسى، قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ھېچبىر تەرەپ بىلەن يارىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1181388
قاشىقجى ئائىلىسى: قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە ھېچكىم بىلەن يارىشىش توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمال قاشىقجىنى ئوغلى سالاھ قاشىقجى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئائىلىسى نامىدىن بايانات بېرىپ، قاشىقجى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «دېلو دائىرىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق شەكىلدە يارىشىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىمۇ بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قاشىقجىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان، ياردەملەشكەن ياكى ھەرقانداق شەكىلدە چېتىشلىقى بارلارنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىلەيمىز» دېدى.

بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار قولىدا دەلىل ياكى مەلۇمات بارلارنىڭ ئۇلارنى ئەدلىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان سالاھ، ئادالەتنى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇقەددەس ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، كىشىلەرنىڭ قاشىقجى دېلوسىغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار بولۇشنى خالىشىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى، قانۇنىي جەھەتتىن رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىشلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى  بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

 


خەتكۈچ: #قاشىقجى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر