خىتاينى ئۆز خەلقىنى روبوتلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى روگېر سىكرۇتون «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى» دېگەن سۆزنىڭمۇ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

1181317
خىتاينى ئۆز خەلقىنى روبوتلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەدە «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى» دېگەن ئاتالغۇغا قارشى چىققان ۋە خىتايلارنىڭ بىر بىرىنىڭ فوتو كوپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى روگېر سىكرۇتون ئىرقىي ئايرىمچى سۆزلىرى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

يەر مۈلۈك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان روگېر سىكرۇتون «New Statesman» ژۇرنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشىنى توسۇپ قىلىش مەقسىتىدە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىۋېلىنغان بىر تەشۋىقان سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

روگېر سىكرۇتون ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئەسلىدە بىر بىرىنىڭ فوتوكوپىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز خەلقىنى روبورتقا ئايلاندۇرۇش بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن ئىدى.

سىكرۇتون يەنە، ۋېنگىرىيەدە بىر گېئورگې سوروس ئىمپېرىيەسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ھەققىدىكى «ئۇ بىر يەھۇدىي دۈشمىنى» دېگەن سۆزلەرنىمۇ "ھاماقەتلەرچە سۆز" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسىلىگە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ئىشچىلار پارتىيەسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بونداق سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنمەسلىكى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

بۇ باياناتتىن كېيىن يەر مۈلۈك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سۆزلىرى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر