سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا قىلغان ھۇجۇمىدا، 2 كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 3 پۇقرا ئۆلدى ۋە 13 پۇقرا يارىدار بولدى.

1176689
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ھامانىڭ غەربىگە جايلاشقان ھاۋىجە، ئەل ئانقاۋى، ئەل مەنسۇرە ۋە ئەل زىيادىييە يېزىلىرىنى ھەمدە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى مارراتىننۇمان ناھىيەسى بىلەن تەل مەننىس ۋە جەرجاناز رايونلىرىنى ئېغىر توپقا تۇتتى ۋە راكىتامىيۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھامادىكى خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى مۇھەممەد ئاممۇرى ھاۋىجە يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 3 پۇقرا ئۆلۈپ، 13 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كېچىدە ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر پۇقرا ئۆلگەن ئىدى. بۇنى قوشقاندا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 4 كە ئۆرلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر