ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى بەزى ئورگانلارغا سىبەر ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى بەزى مۇھىم ئورگانلارغا سىبەر ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1176266
ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى بەزى ئورگانلارغا سىبەر ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى بەزى مۇھىم ئورگانلارغا سىبەر ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

« Sky- خەۋەر » دە بۇ ھەقتە ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكالىق سىبخەر خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسلىرى 23-دېكابىردا ئەنگلىيە پوچتىخانىسى ۋە بەزى يەرلىك تور لىنىيەلىرىنىڭ بىرلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقاپ چىققان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى سىبەر ھۇجۇمىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىمىغا قاراشلىق كومپىيۇتېر خاككېرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ پوچتىخانا مۇدىرى پاۋلا ۋېننېلس بولۇپ مىڭلارچە پوچتىخانا خادىمىنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.  

ئەنگلىيەنىڭ سىبەر خەۋپسىزلىك شىركەتلىرىدىن گلاسۋالنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېۋىس ھېندېرسون، ئوغرىلانغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ: ئوغرىلانغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن سايلاملارغا تەسىر كۆرسىتىش، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەقلىد قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان تايمىس گېزىتى ئىستىخبارات دوكلاتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋەرلىرىدە، 2017-يىلى 23-ئىيۇندا ئەنگلىيە پارلامېنتى نىشان قىلىنغان سىبەر ھۇجۇمنىڭمۇ ئىرانلىق خاككېرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ھۇجۇم نەتىجىسىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا تەۋە  مۇھىم ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئوغرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

مىكروسوفت تەھدىت ئىستىخبارات مەركىزى مۇدىرى جون لەمبېرت، ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاندىكى شىركەتلەرگە سىبەر ھۇجۇملىرى قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سىبەر خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش ئىراننىڭمۇ كۈچلۈك سىبەر قوشۇنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىراننىڭ يەمەن ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار تۈپەيلى سىبەر پائالىيەتلىرىنى بەكرەك ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان سىبەر خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى جون ھۇلتكىۋست، ئىراننىڭ سىبەر ساھەسىدە ئۆزگە دۆلەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان بېرىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا 2010-يىلى قىلىنغان سىبەر ھۇجۇملار تۈپەيلى، دىگىتال خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولغان ئىراننىڭ كۈنىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك سىبەر قوشۇنىغا ئىگە دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر