چىپراس شىمالىي ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زايېۋ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالاندى.

1176024
چىپراس شىمالىي ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، شىمالىي ماكېدونىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بولدى.

چىپراس زىيارەت دائىرىسىدە شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر چىپراسنىڭ شەرىپىگە پايتەخت ئۈسكۈپتىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى، ئارقىدىن ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

چىپراس ۋە زايېۋ كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس،  كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزىنىڭ بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چىپراس: نۇرغۇن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق، ئەمدى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك، دېدى.

بالقان رايونىغا قارىتا يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چىپراس مۇنداق دېدى: «بىز بالقان دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ يولدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار بىز ۋە شىمالىي ماكېدونىيەگىلا تەۋە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپاغا تەۋە.»

گىرېتسىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانىنىڭ بارلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان چىپراس، رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پىروماچوي-ماجدېن يېڭى تاموژنا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتقان چىپراس، كېلىشىم تۈرتكىسىدە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا سودا، ساياھەت ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

چىپراس يەنە كۆرۈشۈشتە ئىقتىسادىي، سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سەھىيە، مائارىپ، مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە سىبەر بىخەتەرلىككە ئوخشاش مۇھىم ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىرىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چىپراس، بۇ قەدەمنىڭ گىرېتسىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ مۇداپىئە پۇرسەتلىرى ۋە قابىلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇچۇر-مەلۇمات ئالماشتۇرۇش مىخانزمى قۇرۇپ چىقىش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتودا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زايېۋ تۇنجى قېتىم بىر گىرېتسىيە باش مىنىستىرىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تارىخىي ئەھمىيەتلىك نۇرغۇن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساھىبخان باش مىنىستىر زايېۋ: گىرېتسىيە ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز بولغان ناتوغا ئەزا بولۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە ئىمزا قويغان تۇنجى دۆلەتتۇر. دوستۇمىز ئالېكسىس چىپراس ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلاشقا چاقىردى.  

باش مىنىستىر زايېۋ، پرېسپا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئىككى دۆلەت ۋە مىللەت ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق بەرپا بولغانلىقىنى ئېيتتى.

چىپراس ئۈسكۈپتىكى زىيارىتى دائىرىسىدە شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنت باشلىقى تالات جافەرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

چىپراس ۋە زايېۋ ئىككى دۆلەت كارخانچىلىرى ئۇچرىشىدىغان شىمالىي ماكېدونىيە-گىرېتسىيە سودا مۇنبىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر