بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە باشچىلىقىدا سۇنۇلغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا تۈركىيە باشچىلىقىدا سۇنۇلغان «دىن ياكى ئېتىقادقا ئاساسلىنىدىغان تېررورىزم ۋە باشقا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى  كۈرەش» تېمىلىق قارارنامە قوبۇل قىلىندى.

1176205
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە باشچىلىقىدا سۇنۇلغان قارارنامىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلدى ھەمدە «دىن ياكى ئېتىقادقا ئاساسلىنىدىغان تېررورىزم ۋە باشقا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى  كۈرەش» تېمىلىق قارارنامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا سۇندى.

يېڭى زېلاندىيەدە 15 – مارت كۈنى يۈز بەرگەن ۋە مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەيىبلەنگەن، ھەمدە بۇنداق قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىنغان قارارنامە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

يىغىندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ۋەكىلى مىگۇئېل موراتىنوس بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «موراتىنوس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە قارىتا نەپرەتلىنىش تۈسىنى ئالغان باياناتلارغا قارشى  يەر شارى خاراكتېرلىك كۈرەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى  تەكىتلىدۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش كونسۇلخانىسىدا شەھەردە ياشاۋاتقان تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدون سىنىرلىئوغلۇ بىلەن تۈركىيەنىڭ نىيۇ يورك باش كونسۇلى ئالپەر ئاقتاشمۇ چاۋۇشئوغلۇغا ھەمراھ بولدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ نىيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 3 – 4 – ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن ۋاشىنگتونغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر