ئىران ۋە ھاماس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، تۈركىيەدىكى سايلاملارنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

1175661
ئىران ۋە ھاماس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت رۇھانى، 31 – مارت يەرلىك سايلاملار مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا خىتابەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتقان.

رۇھانىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارىتىپ يازغان تېلېگراممىسىدا، «تۈركىيەدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلاملىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئالىيلىرىنى ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلەيمەن. سايلاملار خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنىڭ ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ بىر نىشانىدۇر. دوست ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئۇتۇق ۋە سائادەت تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

پەلەستىندىكى ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسمۇ تۈركىيەدىكى مەھەللىي سايلاملاردىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

ھاماس ھەرىكىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «مەھەللىي سايلاملاردا بىرىنچىلىكنى ئىگىلىگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى ۋە باشقا پارتىيەلەرنى تەبرىكلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى تەبرىكلەنگەن باياناتتا، سايلامنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيلىكىنى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە نامايان قىلغان مۇكەممەل مودېلىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر