رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ س. ت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئاكادېمىيەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 كىشى يارىدار بولدى.

1175794
رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، س. ت پېتېرسبۇرگ شەھىردىكى موجايىسكى ھەربىي ئالەم قاتنىشى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىدارە بىناسىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

پارتلاشتا 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ھەمدە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى ھەربىي ئاكادېمىيەدە، نېمىلىكى نامەلۇم بىر ماددىنىڭ پارتلىغانلىقىنى ۋە يارغدار بولغۇچىلارنىڭ ھاياتىي خەۋپى يوقۇلۇقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمسيە قىسىملىرى شۇنداقلا باشقا ھەر قايسى قىسىملىرى ئۈچۈن ئەسكەر يېتىشتۇرىدىغان موجايىسكى ھەربىي ئالەم قاتنىشى ئاكادېمىيەسى رۇسىيەدە ھەربىي مائارىپ بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر