تالىبان بەدەخشان ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلدى

ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئارگانچىۋا ناھىيەسىدىن چېكىنىشكە مەزجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1173620
تالىبان بەدەخشان ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان مىلىتانلىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئارگانچىۋا ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى.

بەدەخشان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى نىك مۇھەممەد نازارى ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىلىتانلارنىڭ تۈنۈگۈن كېچىدە ئارگانچىۋا ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سائەتلەرگىچە داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن، ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىنى تاشلاپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن نازارى، توقۇنۇشتا 4 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بەدەخشان ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) ۋەكىلى تاھىرە ئالەميار توقۇنۇشتا  14 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ناھىيە مەركىزى ۋە باشقا بارلىق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ تالىبان كونتىروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر