ئامېرىكا خىتاينى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە تۇغقانلىرى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1172201
ئامېرىكا خىتاينى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مايك پومپېيونىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە تۇغقانلىرى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن گۈلچېھرە خوجا، فىرقەت جەۋدەت ۋە ئارافات ئەركىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانۇنسىز شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى پاللاندىنو، «مىنىستىر (مايك پومپېيو)، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ساداسىنى ياڭراتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. خىتاينىڭ ئىسلام ۋە باشقا دىنلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەمدەم بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇر ۋەكىللەر بايان قىلغان ئىشلارنىڭ، خىتاي لاگېرلىرىدىكى زۇلۇمنىڭ پەقەت بىر قانچىسىلا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «ئۇلار، شىنجاڭ رايونىدا ئۆز ئىسىملىرىغا ئىگە بولالمىغان، ئەركىن ھەرىكەت قىلالمىغان، ئۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنالمىغان ۋە دىنلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشلىرىنى ئورۇندىيالمىغان بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئادەمگە ۋاكالىتەن گەپ قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار 2018 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن – قىستاق ۋە بېسىملارغا ئەتراپلىق شەكىلدە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پاللادىنو، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدە مەجبۇرىي قونۇش، ئۇلارغا مەجبۇرىي ھاراق ئىچكۈزۈش ۋە چوشقا گۆشى يېگۈزۈشىدىن سىرت جىنسىي زورلۇق ۋە جىنايى قىلمىش دېگەندەك كۆپلىگەن جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر