شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسىدىن ئوغرىلانغان مەلۇماتلار «FBI» غا سېتىلماقچىمۇ؟

شىمالىي كورېيەنىڭ ئىسپانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان ئوغرىلارنىڭ ئەلچىخانا كومپىيۇتېرلىرىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» غا ساتماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1171873
شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسىدىن ئوغرىلانغان مەلۇماتلار «FBI» غا سېتىلماقچىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ئىسپانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان ئوغرىلارنىڭ پورتۇگالىيە ئارقىلىق ئامېرىكىغا قاچقانلىقى ۋە ئەلچىخانىدىن ئوغرىلىغان مەلۇماتلارنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» غا ساتماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

شىمالىي كورېيەنىڭ مادرىدتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا 22فېۋرالدا بېسىپ كىرىپ ئەلچىخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئالغاندىن كېيىن، بەزى مەلۇماتلارنى ۋە كومپىيۇتېرلارنى ئېلىپ قېچىش دېلوسى ھەققىدە ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوت مەھكىمىسى سودىيەسى جوس دو لا ماتا 14 بەتلىك ئەيىبلەش تەييارلىدى. 

ئەيىبلەشتە گۇماندارلارنىڭ پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبون ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېڭى جەرسى ئىشتاتىغا قېچىپ كەتكەنلىكى، ئاندىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» غا قولىدىكى مەلۇماتلارنى سېتىپ بېرىش تەكلىپى سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك خەلق رادىيوسى «NPR» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» مەسئۇللىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.   

ئامېرىكا ۋە ئىسپانىيە ئاخباراتلىرىدا بولسا، شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ مادرىدتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا 22فېۋرالدا بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بېسىپ كىرگەن ۋە ئىچىدىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنى 4 سائەتكىچە گۆرۈگە تۇتۇۋالغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئەلچىخانا بىناسىدىن قىچىپ چىقالىغان بىر شىمالىي كورېيەلىك ئايال دىپلوماتنىڭ ساقچىلارغا تېلېفون قىلىشى بىلەن ۋەقە ئاشكارىلانغان ئىدى.

ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ شىمالي كورېيە ئەلچىخانىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ساقچىلار شىمالىي كورېيەگە ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گاراژدىن ئىككى ئاپتومبىلنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە گۆرۈگە تۇتۇلغان خادىملارنىڭمۇ ئەلچىخانا سىرتىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر