ئامېرىكا رۇسىيەدىن ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋدىن ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

1171025
ئامېرىكا رۇسىيەدىن ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو، مايك پومپېيو بىلەن سېرگېي لاۋروۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

پاللادىنو، مىنىستىر پومپېيونىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى لاۋروۋغا موسكۋانىڭ ۋېنېزۇئېلادا تاشلاۋاتقان قەدەملىرىگە قارىتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاللادىنو باياناتىدا، «(ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى) نېكولاس مادۇرونىڭ قانۇنسىز تۈزۈمىنى قوللاش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ بۇ يەرگە ھەربىي خادىم يوللىشى، مۇۋەققەت پىرېزىدېنت خۇەن گۇايدونى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللاۋاتقان ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مىنىستىر پومپېيو، رۇسىيەنى ئىجابىي بولمىغان قەدەملەرنى تاشلاشقا خاتىمە بېرىشكە ۋە ۋېنېزۇئېلا خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كېلەچەك يارىتىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر سېپىگە قېتىلىشقا چاقىردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

رۇسىيەنىڭ ھەربىي يۈك ئايروپىلانى بىلەن ۋېنېزۇئېلاغا 100 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە 35 توننا تېببىي ياردەم ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسى، كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان؛ ئارقىدىن خۇەن گۇايدو، باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالاغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى، بۇلارغا ئەگىشىپ ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ كۈنتەرتىپتىكى چارىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر