فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى

سېرىق جىلىتكىلىكلەر پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى.

1169373
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە  سېرىق جىلىتكىلىكلەر  پىرېزىدېنت   ئېممانۇئېل  ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيە ساقچىلىرى سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ پايتەخت پارىژدىكى كەمپس-ئېلىيسېس كوچىسى ۋە بوردىيۇكس، تولۇس، مارسىليا، نايس ۋە روئەن بولۇپ نۇرغۇن شەھەرنىڭ مەركەزلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

بىر قىسىم سېرىق جىلىتكىلىكلەر پارىژدىكى ئېيفىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىكى تروكادېرو مەيدانىغا يىغىلغان بولسا، يۈزلەرچە نامايىشچى دېنفېرت-روچېرىيۇ مەيدانىدىن مونتمارترېغا قاراپ ماڭدى.

ساقچىلار پايتەختتىكى نامايىشلاردا 51 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسى كەمپس-ئېلىيسېس كوچىسىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان 29 كىشىگە جەرىمانە قويدى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى  دىدىيىر لەلېمەنت، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئالاھىدە ساقچى ھەرىكەت قىسمى تەشكىل قىلىنغانلىقىنى  بىلدۈردى.

پارىژدىكى نامايىشلاردا ساقچىلاردىن سىرت، بەزى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نايس شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن بولسىمۇ، سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنە  نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى ۋە 20 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر