ئافغانىستاندا ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھېرات ۋىلايىتىدە شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1166882
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىيسى ئابدۇلقەييۇم راھىمى، ۋىلايەت مىقياسىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىننىڭ سۇ ئاپىتى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر سۇ ئاپىتىدە 13 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن راھىمى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ئاپەتتە يۈزلەرچە ئۆي – ماكاننىڭ ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.