پ ك ك گېرمانىيەدە رادىيو – تېلېۋىزىيە بىناسىنى  ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە غەربىي گېرمانىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ بىناسىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى.

1166855
پ ك ك گېرمانىيەدە رادىيو – تېلېۋىزىيە بىناسىنى  ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆلىندىكى برېسلائۇئېر مەيدانىدا يىغىلغان 70 كىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتىن كېيىن تارقىلىپ كەتمىگەن 10 كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا مۇناسىۋەتلىك شوئارلار يېزىلغان لاتىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا غەربىي گېرمانىيەدىكى رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى بىناسىغا بېسىپ كىردى.

ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىشىدىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى، توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى خادىمى يېنىك يارىلاندى، نامايىشچىلار بىنانىڭ سىرتىغا چىقىرىلدى. ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرىنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر