يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىر ئايرودورۇمىدا 2 گۇمانلىق قۇتا بايقالدى

يەرلىك ئالاقىدار مەسئۇللار ساقچىلارنىڭ تەدبىر ئورنىدا بىنانى بىخەتەرلىك چەمبىرى ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە بومبا پاچاقلاش ئەترىتىنىڭ رايونغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1165070
يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىر ئايرودورۇمىدا 2 گۇمانلىق قۇتا بايقالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەدە 2 جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى. بۇ ئەسنادا 2 گۇمانلىق قۇتا بايقالدى.

يېڭى زېلاندىيەدە چىقىدىغان «Otago Daily Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دۇنېدىن شەھىرىدە ئايرودورۇمنىڭ قوشۇمچە بىناسىدا گۇمانلىق قۇتا بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك بىر ئالاقىدار مەسئۇل گېزىتقا بەرگەن باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ تەدبىر ئورنىدا بىنانى بىخەتەرلىك چەمبىرى ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە بومبا پاچاقلاش ئەترىتىنىڭ رايونغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا 10 مىنۇتلۇق پەرق بىلەن 2 جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 50 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر