ئامېرىكا كۇبا بىلەن رۇسىيەنىڭ مادۇرونى قانات ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، كۇبا بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى قانات ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1161431
ئامېرىكا كۇبا بىلەن رۇسىيەنىڭ مادۇرونى قانات ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، كۇبا بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا ئىزچىل يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلغان پومپېيو، ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ سودا ساھەسىدە دۇنيا بويىچە كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان پومپېيو ۋېنېزۇئېلانىڭ يېزا-ئىگىلىك، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باشقا ساھەلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر تۈپەيلى، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر پومپېيو كۇبا بىلەن رۇسىيەنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مادۇرونى قوللىشىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەمەس ئەكسىچە ناچارلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۇبانى «ھەققىي جاھانگىر كۈچ»دەپ تەرىپىلگەن پومپېيو، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ۋېنېزۇئېلادىن ئەرزان باھادا نېفىت ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مايك پومپېيو، مادۇرونىڭ ئەتراپىدىكى مۇھاپىزەتچى ۋە مەسىلىھەتچىلەرنىڭ مادۇروغا ئەمەس كۇبا ھۆكۈمىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۇبا مادۇرونى ئىزچىل قانات ئاستىغا ئېلىپ كەلمەكتە، ئامېرىكا ۋە 50 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مۇۋەققەت پىرېزىدېنت  خۇەن گۇايدونى ئامېرىكانىڭ ئويۇنچىقى دېگەن دۆلەت دەل كۇبادۇر. ۋېنېزۇئېلادىكى مەخپىي ساقچى ۋە جاللاتلارنى تەربىيەلەپ چىققان ۋە ۋېنېزۇئېلا سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولسا يەنە كۇبادۇر، كۇبا ۋە مادۇرو دوزاختىكى قوش كېزەكلەردۇر.»

پومپېيو رۇسىيەنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنى تەنقىدلەپ، كىرىمېل سارىيىنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىگە ھازىرغىچە 17 مىليارد دوللار ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە مادۇروغا ئىزچىل يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەرپا بولۇشىنىلا خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پومپېيو،خۇەن گۇايدونى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر پومپېيو ۋېنېزۇئېلادىكى توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كەينىدە ئامېرىكانىڭ بارلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان  قاراشلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: بۇ مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ناقابىللىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغاندىن ئىبارەت، دېدى.

نىكولاس مادۇرو، ۋېنېزۇئېلادا مەيدانغا كەلگەن ئىككى كۈنلۈك توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كەينىدە ئامېرىكانىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر