ھىندىستاندا بۇ يىل ئىچىدىلا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ئۆلۈپ كەتتى

ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىچىدىلا چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى 605 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1161849
ھىندىستاندا بۇ يىل ئىچىدىلا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى 605 كىشى ئۆلدى.

« ھىندىستان ۋاقىت»گېزىتى ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ھىندىستان مىقىياسىدا بۇ يىل 19380 كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، چوشقا زۇكىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان « H1N1» ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۆلگەنلەرنىڭ  سانى بۇ يىل ئىچىدە 605كە چىققان.

چوشقا زۇكىمى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئۆلكىلەردىن بىرى بولغان راكاستاندا 4551 كىشى چوشقا زۇكىمىغا گىرىپتار بولغان بولسا، 162 كىشى بۇ زۇكام سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن.

يېڭى دېھلى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىمۇ 3362 كىشى چوشقا زۇكىمىغا گىرىتپار بولغاندىن سىرت، 7 كىشى بۇ زۇكام تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر