مالايشىيادا ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان كىشى جازالاندۇرۇلدى

مالايشىيادا ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان مۇھەممەد يەزىد كوڭ ئابدۇللا ئىسىملىك كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

1160683
مالايشىيادا ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان كىشى جازالاندۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مالايشىيادا ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان بىر كىشىگە، 7 ئاي قاماق جازاسى ۋە 10 مىڭ مالايشىيا رىڭگىتى (2445 دوللار)تۆلەم جازاسى بېرىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانلىقى تۈپەيلى بۇ يىل 4-مارتتا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن جۈمە كۈنى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان مۇھەممەد يەزىد كوڭ ئابدۇللا، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە مېدىيا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى سەۋەبىدىن 7 ئاي قاماق جازاسى ۋە 10 مىڭ رىڭگىت تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

سوت مەھكىمىسى گۇماندار تۆلەم پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن تەقدىردە قاماق جازاسى مۇددىتىنىڭ 2 يىلغا ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە شەنبە كۈنىمۇ مۇھەممەد ئەلەيىھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان 1 كىشىگە 10 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى.

كېيىنكى كۈنلەردە مالايشىيا مىقىياسىدا ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاقارەت قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مالايشىيا ساقچى ئىدارىسى، ھازىرغىچە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق 926 كىشىنىڭ شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايشىيادا ئۆتكەن ئاي بىر خىتاينىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشى سەۋەبىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا قارىتا، پايتەخت كۇئالا لۇمپۇردا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر