كېرچوۋ بىلەن جۇبەير تېرروزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى كوردىناتورى گىللېس دېموكراتىيە كېرچوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1161207
كېرچوۋ بىلەن جۇبەير تېرروزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇبەير، سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان كېرچوۋنى پايتەخت رىيادتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 23 دۆلەتنىڭ تېررورنى مالىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرى ۋە پۇل ئاقلاشقا قارشى كۈرەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى رەت قىلىشقا قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر