خۇاۋېي بىريۇسسېلدا مەركەز تەسىس قىلدى

خىتاي شىركىتى خۇاۋېي، بىريۇسسېلدا «سىبەر خەۋپسىزلىك ۋە سۈزۈكلىك مەركىزى» قۇردى.

1157645
خۇاۋېي بىريۇسسېلدا مەركەز تەسىس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي شىركىتى خۇاۋېي، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا «سىبەر خەۋپسىزلىك ۋە سۈزۈكلىك مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

دۆلەت ئورگانلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىۋى ئورۇنلار، شىركەتلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇچۇر-ئالاقە قۇرۇش مۇنبىرى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ مەركەز، خۇاۋېينىڭ سىبەر خەۋپسىزلىك پىروگراممىلىرى، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى توغرۇلۇق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ دىرېكتور ۋەكىلى كېن خۇ، سىبەر خەۋپسىزلىك مەركەزلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق، خەۋپسىزلىك ئۆلچەملىرى ۋە خەۋپسىزلىك تېخنولوگىيەلىرى قاتارلىق ساھەلەردە خېرىدارلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دىگىتال دەۋردە ئىشەنچ بەرپا قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋەكىل كېن خۇ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي شىركىتى خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر