ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا

خۇەن گۇايدو ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئېكۋاتوردىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي ئايرىلغان ۋېنېزۇئېلاغا قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1156328
ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت، دەپ ئېلان قىلغان پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدو، 23 – فېۋرالدا ئايرىلغان ۋېنېزۇئېلاغا قايتىپ بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە دۆلەت مىقياسىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

خۇەن گۇايدو ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئېكۋاتوردىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي ئايرىلغان ۋېنېزۇئېلاغا قايتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشى جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ئېھتىمالىمۇ بولغان گۇايدو، بۈگۈن ۋە ئەتە دۆلەت مىقياسىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۆكتىچىلەردىن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى يېقىندىن كۆزىتىشنى تەلەپ قىلدى.

گۇايدو، 23 – فېۋرالدا ۋېنېزۇئېلاغا «ئىنسانىي ياردەم» كىرگۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە بارغان چېگرادىن كولومبىيەگە ئۆتكەن، ئۇ يەردىن بىرازىلىيە، پاراگۋاي، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان، ئارقىدىن ئېكۋاتورغا بېرىپ بەزى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرونىڭ قانۇنىيلىقىنى قوبۇل قىلمىغان گۇايدو، ئامېرىكىدىن باشقا بىر قاتار غەرب ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر