ئامېرىكا ھەمزە بىن لادىن توغرۇلۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە 1 مىليون دوللار بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ سابىق رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئوغلى ھەمزە بىن لادىن توغرۇلۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە 1 مىليون دوللار بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1155279
ئامېرىكا ھەمزە بىن لادىن توغرۇلۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە 1 مىليون دوللار بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھەمزە بىن لادىننىڭ ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان رەھبىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ 2015 – يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان ۋىدېئولارنى ئىشلەپ، تارقىتىۋاتقانلىقى، 2011 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن دادىسى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەمزە بىن لادىننىڭ 2017 – يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورچى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، شۇ ۋەجىدىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بارلىك مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ <ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات> پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق رەھبىرى ھەمزە بىن لادىن توغرۇلۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن، ياكى بۇ ھەقتە مەلۇماتى بار بولغان كىشىگە 1 مىليون دوللار بېرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر