نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1149652
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنۇئې ئۆلكىسى باياناتچىسى ئىتېرۋېر ئاكاسې، ئاگاتۇ رايونىدا كىملىكى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 17 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يارىدارلارنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان ئاكاسې، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر رايون پات – پاتلا پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئارىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

مال – چارۋىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كۆچكەن فۇلانىلار، دېھقانلارنىڭ مال – چارۋىلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

فۇلانى پادىچىلىرىنىڭ بولسا،، خىرىستىيانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى رايونلاردا 18 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام ئالىمى شەيخ ئوسمان دان فودىئونىڭ تەلىماتلىرىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر