مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى 9 ياشقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى باش مۇپەتتىش ھىشام بەرەكاتقا قىلىنغان سۇيىقسەت دېلوسى دائىرىسىدە، 9 گۇماندار ياشقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1149559
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى 9 ياشقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، باش مۇپەتتىش ھىشام بەرەكاتقا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىغا جاۋابكار دەپ قارىلىپ، 9 ياشقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى ئېيىبلەندى ۋە «بىگۇناھلارنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ساھەلەردە ناچارلىشىۋاتقان يۈزلىنىشىگە مىسىر ھۆكۈمىتى جاۋابكاردۇر» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئەركىن ۋىجدانغا ئىگە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان 9 ياش ئۈچۈن جۈمە نامىزىنىڭ ئارقىدىن غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇشى كېرەكلى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

مىسىردا 2015يىلى يۈز بەرگەن باش مۇپەتتىش ھىشام بەرەكاتقا سۇيىقەست قىلىش دېلوسىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى تۈنۈگۈن ئىجرا قىلىنغان ئىدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىجرائىيە ھەيئىتى دەپمۇ بىلىنىدىغان رەھبەرلىك ئىشخانىسى ئەزاسى مۇھەممەد تاھا ۋەھداننىڭ ئوغلى ئەھمەد تاھامۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ياشلار ئارىسىدا بار ئىدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئوغۇلنىڭ ئەھمەد تاھا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. 

مىسىر سوت مەھكىمىسى باش مۇپەتتىش ھىشام بەرەكاتقا سۇيىقەست قىلىش دېلوسى بىلەن سوت قىلىنغان 9 گۇماندارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى 2018يىلى نويابىردا تەستىقلىغان ئىدى.

گۇماندارلار بولسا، سوت جەريانىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، قىيىن - قىستاق ئارقىلىق ئېتىراپنامە ئالغانلىقىلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 9 ئۆكتىچىگە بېرىلگەن ۋە تۈنۈگۈن ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى قارارىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

نازارەتتىكى ياشلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جازا ئىجرا قىلىش تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، گۇماندارلارنىڭ قانۇنسىز سوراق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر