ترامپ سۈرىيە توغرىسىدا بايانات بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيە توغرىسىدا بايانات بەردى.
1146714
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دائېش ئۈستىدىن %100 غەلىبە قىلغاندىن كېيىن چېكىنىمىز» دېدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىشىنى تاماشا قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن 800 دىن ئارتۇق تېررورچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سوتلاشقا چاقىردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە، ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.