تالىبان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەلخ ۋىلايىتىنىڭ چەمتال ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1146936
تالىبان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئادىلشاھ ئادىل مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ چەمتالدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 7 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان ئەزالىرىنىڭمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادىل، زاپاس قىسىملارنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تالىباننىڭ چېكىنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تالىباننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىلارنىڭ ئىچىدە ئىككى قومانداننىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر