ئىراندا پۇقراۋى مەشق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتى

ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رەزەۋى خوراسان ئۆلكىسىدە پۇقراۋى مەشق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1146193
ئىراندا پۇقراۋى مەشق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كاشمېر ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر نېجادراھىم، ئىراننىڭ ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA)  غا بەرگەن باياناتىدا، ئەتىگەن تەرەپلەردە مەشق ئۇچۇشى ئۈچۈن قوزغالغان پۇقراۋى بىر ئايروپىلاننىڭ رەزەۋى خوراسان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاشمېر ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان باھارىيە رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قازادا ئايروپىلاندىكى ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئايروپىلاندىكى ئىككى كىشىدىن  بىرى ئۇچقۇچى، يەنە بىرى ئۇچقۇچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىدى. قازانىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر