ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1146142
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرىدا«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە تاشقى ئشىلار مىنسىتىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ  نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىغا تولۇق قوشۇلىدۇ »دېگەن جۈملىگە ئورۇن ئاجرىتىلغاندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدىكى مۇنۇ جۈملىلەرمۇ نەقىل قىلىندى: «خالىغانچە تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق ۋە سىياسىي مېڭە يۇيۇشتەك  جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەت نامىغا قاتتىق نومۇس قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىرغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە مۇنۇ جۈملىگىمۇ ئورۇن ئاجراتقانىدى: «تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

دۇنيا مىقىياسىدا نۇرغۇن ھۆكۈمەت، خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئاممىۋى تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇلتۇر ئىيۇلدا بېيجىڭدا چاقىرغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگ يىغىنىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دىنى ئېتىقاد تۈپەيلى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا زىت ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر قانۇن لايىھەسىدە، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو قويۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنى يوقىتىش كومىتېتى، 2018-يىلى 30-ئاۋغۇستتا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىياردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا سادىر قىلغان قىلمىشىنىڭ قورقۇنچ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە قارار چىقىرىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى،كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى  ئېغىر قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىۋاتقان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش، رايونغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىش ۋە ھەقىقەتنى  ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا خەلقئارادا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»دەپ ئاتىلىۋاتقان جايلارنىڭ «كەسپىي تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى»ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ جايلارغا سولانغان كىشىلەرنى «ئاشقۇن ئىدىيەلەردىن تازىلاپ ياراملىق ۋە ياخشى ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش»نى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار يىغىۋېلىش لاگېرىلىرىنىڭ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېچىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، خىتاي ھازىرغىچە نۇقتىلىق بېكىتكەن بىر نەچچىلا لاگېرنى ئاز ساندىكى چەت ئەللىك دىپلومات ۋە مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

ب د ت  مەسئۇللىرىنىڭ بىۋاستە مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر